您现在的位置:

非义也 >> 正文 >

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى قانۇن نىزاملار新闻网

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى.

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››دا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    (8 – نومۇرلۇق)

       (1986 – يىل 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللاندى

    2000 – يىل 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى

    2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى

    2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلدى

    2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ ‹‹دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى›› قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 4 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب باقمىچىلىق

    3 – باب تۇتمىچىلىق

    4 – باب بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش ۋە قوغداش

    5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش، كۆپەيتىش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى سۇ، ساھىل، دېڭىز تەۋەلىكى، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدا ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا بارلىق دېڭىز تەۋەسىدە سۇ ھايۋانلىرىنى، سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى بېقىش، تۇتۇش قاتارلىق بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

    3 – ماددا دۆلەت بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىش، بېقىش، تۇتۇش، پىششىقلاش ئىشلىرىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، شارائىتقا يارىشا ئىش قىلىش، مۇھىم نۇقتىسى بولۇش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، سۇ دائىرىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشى لازىم.

    4 – ماددا دۆلەت بېلىقچىلىق پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىدۇ، بېلىقچىلىق پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

    5 – ماددا بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش ۋە قوغداش، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېلىقچىلىق پەن – تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەنىۋى ياكى ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلايدۇ.

    6 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بېلىقچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ بېلىقچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسى ۋە بېل辽源哪些医院主治癫痫ىقچىلىق پورتىدا بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرسا بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېلىقچىلىق تەكشۈرگۈچىلىرىنى قويسا بولىدۇ. بېلىقچىلىق تەكشۈرگۈچىلىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدۇ.

    7 – ماددا دۆلەت بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

    دېڭىز – ئوكيان بېلىقچىلىقىدا، گوۋۇيۈەن گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ دەپ بەلگىلىگەن دېڭىز تەۋەسىدىن ۋە مۇئەييەن بېلىقچىلىق بايلىقى مەيدانىدىن باشقىسىنى قوشنا دېڭىز تەۋەسىدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    دەريا، كۆل قاتارلىق سۇ دائىرىسىدىكى بېلىقچىلىقنى مەمۇرىي رايونلار بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ مەمۇرىي رايون ھالقىغانلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇناسىۋەتلىك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىقىدۇ ياكى ئۇنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    8 – ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل بېلىقچىلىق كېمە – پاراخوتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سۇ تەۋەسىگە كىرىپ بېلىقچىلىق قىلىش ياكى بېلىقچىلىق بايلىقىنى تەكشۈرۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇن ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى شەرت؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرتنامە، كېلىشىم تۈزۈشكەن بولسا، شۇ شەرتنامە ۋە كېلىشىم بويىچە بولىدۇ.

    دۆلەتنىڭ بېلىقچىلىق ۋە بېلىقچىلىق پورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى چەت ئەلگە بېلىقچىلىق ۋە بېلىقچىلىق پورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

    9 – ماددا بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھەم ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى – تىجارىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    2 – باب باقمىچىلىق

    10 – ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇن، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلارنى ۋە شەخسلەرنى باقمىچىلىققا باپ كېلىدىغان سۇ دائىرىسى ۋە ساھىللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    11 – ماددا دۆلەت سۇ دائىرىسىدىن پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باقمىچىلىق قىلىشقا بولىدىغان سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلنى بېكىتىدۇ. ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دۆلەت پىلانىدا باقمىچىلىق قىلىشقا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلنى ئىشلەتمەكچى بولغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ شۇ سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق قىلىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئىشلىتىۋاتقان سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلنى شەخسلەر ياكى كوللېكتىپ ھۆددىگە ئېلىپ باقمىچىلىق قىلسا بولىدۇ.

    12 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىشتە، شۇ جايدىكى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئاۋۋال ئويلىشىشى كېرەك.

    13 – ماددا دۆلەت پىلانىدا باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق قىلىشتا كۆرۈلگەن تالاش – تارتىش ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تالاش – تارتىش ھەل قىلىنغىچە، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    14 – ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلنى دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ ئىشلىتىش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى››دىكى يەر ئېلىپ ئىشلىتىشكە دائىر بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، تاۋار بېلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى مۇھىم باقمىچىلىق سۇ دائىرىسىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    16 – ماددا دۆلەت سۇ مەھسۇلاتى ئەلا سورتلىرىنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. سۇ مەھسۇلاتى يېڭى سورتلىرىنى مەملىكەتلىك سۇ مەھسۇلاتى ئەسلىي سورتى ۋە ئەلا سورتىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كېڭەيتىش شەرت.

    سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقىنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ.

    سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ. لېكىن، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن، ئۆزلىرى ئىشلىتىدىغان سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى بۇنىڭ سىرتىدا.

    17 – ماددا سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقىنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشتا كارانتىن قىلىپ، كېسەلنىڭ چېگرادىن كىرىشى ۋە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت، كونكرېت كارانتىن خىزمىتى چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىنىدۇ.

    گېنى يۆتكەلگەن سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقىنى كىرگۈزۈشتە، ب怀疑癫痫做哪些检查?ىخەتەرلىكىنى باھالاش شەرت، كونكرېت باشقۇرۇش خىزمىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

    18 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    19 – ماددا باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا تەركىبىدە زەھەر ۋە زىيانلىق ماددا بولغان يەمچۈك، يەملەرنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

    20 – ماددا باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، بېقىش زىچلىقىنى ئىلمىي بېكىتىش، يەمچۈك، ئوغۇت ۋە دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك، سۇ دائىرىسى مۇھىتىنى بۇلغاشقا بولمايدۇ.

    3 – باب تۇتمىچىلىق

    21 – ماددا دۆلەت مالىيە، كىرېدىت ۋە باج قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ئوكيان تۇتمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ. بېلىقچىلىق بايلىقىنى تۇتۇش مىقدارىغا ئاساسەن، ئىچكى سۇ ۋە يېقىن دېڭىزدا تۇتۇشقا كۈچ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    22 – ماددا تۇتۇش مىقدارى بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ كۆپىيىش مىقدارىدىن تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي تۇتۇش مىقدارىنى بېكىتىپ، تۇتۇش نورمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېلىقچىلىق بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، تۇتۇش نورمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكى، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى ۋە باشقا باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە تۇتۇش ئومۇمىي نورمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن دەرىجە بويىچە بۆلۈپ چۈشۈرىدۇ؛ دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە تۇتۇش ئومۇمىي نورمىسىنى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىپ ياكى كېڭىشىپ بېكىتىپ دەرىجە بويىچە بۆلۈپ چۈشۈرىدۇ. تۇتۇش ئومۇمىي نورمىسىنى تەقسىملەشتە ئادىل، لىللا بولۇش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تەقسىملەش چارىسى ۋە نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىش ھەمدە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش شەرت.

    گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۇتۇش نورمىسى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرىدىن چۈشۈرگەن تۇتۇش نورمىسى كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ تۇتۇش نورمىسىنى كېيىنكى يىللىق تۇتۇش نورمىسى كۆرسەتكۈچىدىن كېمەيتىشى كېرەك.

    23 – ماددا دۆلەت تۇتمىچىلىقتا ئىجازەتنامە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالاقىدار دۆلەت بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ بېكىتكەن، ئورتاق باشقۇرۇلىدىغان بېلىقچىلىق رايونىدا ياكى ئوچۇق دېڭىزدا تۇتمىچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ تارقىتىدۇ. دېڭىز– ئوكياندا چوڭ تىپتىكى سۆرىمە تور، قاپسىما تور بىلەن تۇتمىچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ تارقىتىدۇ. باشقىلىرىنىڭ تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ تارقىتىدۇ؛ لېكىن دېڭىز – ئوكياندا تۇتمىچىلىق قىلىدىغانلارغا ئىجازەتنامە بېرىشتە، دۆلەتنىڭ كېمە – تور جابدۇقلىرىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقىرىدۇ.

    تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ سېتىشقا، ئىجارە بېرىشكە ۋە باشقا شەكىل بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئۆزگەرتىشكە، ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىپ ياساشقا بولمايدۇ.

    باشقا دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە بېرىپ تۇتمىچىلىق قىلىدىغانلار گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان ئالاقىدار شەرتنامە، كېلىشىمگە ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

    24 – ماددا تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىغانلارغا تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسى بېرىلسە بولىدۇ:

    (1) بېلىقچىلىق كېمە – پاراخوتى پىرىيوم گۇۋاھنامىسى بولۇش؛

    (2) بېلىقچىلىق كېمە – پاراخوتىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بولۇش؛

    (3) گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ تارقاتقان تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چۈشۈرگەن تۇتۇش نورما كۆرسەتكۈچىگە ماس كېلىشى كېرەك.

    25 – ماددا تۇتمىچىلىق قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسىدىكى مەشغۇلات تىپى، سورۇنى، قەرەلى، بېلىقچىلىق جابدۇقلىرىنىڭ سانى ۋە تۇتۇش نورمىسى ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەشغۇلات قىلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى، چوڭ، ئوتتۇرا بېلىقچىلىق كېمىسى تۇتۇش كۈندىلىك خاتىرىسى يېزىشى شەرت.

    26 – ماددا تۇتمىچىلىق قىلىش ئۈچۈن ياسىغان، يېڭىلىغان، سېتىۋالغان ۋە ئىمپورت قىلغان كېمە– پاراخوتلار بېلىقچىلىق كېمە– پاراخوتلىرى پىرىيوم تارمىقىنىڭ پىرىيومىدىن ئۆتكەندىن كېيىن سۇغا چۈشۈپ تۇتمىچىلىق قىلىشى شەرت. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

    27 – ماددا بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇلۇشىدا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا رىئايە قىلىپ، كىم مەبلەغ سالسا شۇ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى بېلىقچىلىق پورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

    4 – باب بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش ۋە قوغداش

    28 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆزى باشقۇرىدىغان بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەدبىر قوللىنىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەنپەئەتلەنگۈچى ئورۇن ۋە شەخستىن بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش – قوغداش ھەققى ئېلىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش – قوغداشقا مەخسۇس ئىشلەتسە بولىدۇ. بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىش – قوغداش ھەققى ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

    29 – ماددا دۆلەت سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇق بايلىقى ۋە ئۇنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغدايدۇ ھەمدە يۇقىرىراق ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە ئىرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش قىممىتىگە ئىگە سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇق بايلىقى ئۆسىدىغان، كۆپىيىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇق بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى قۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇق بايلىقى مۇھاپىزەت رايونىدا تۇتمىچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    30 – ماددا پارتلىتىش، زەھەر تاشلاش ۋە توك قويۇپ بېرىشتەك بېلىقچىلىق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ. مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق جابدۇقلىرىنى ياساش، سېتىش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىلدە بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ. تور كۆزى ئەڭ كىچىك ئۆلچەمدىنمۇ كىچىك بولغان توردا بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ. تۇتۇلمىلار ئىچىدە بېلىجانلار بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ياكى مەزگىلدە قانۇنسىز تۇتۇلغان تۇتۇلمىلارنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بېلىقچىلىق بايلىقى سورتى ۋە ئۇنى تۇتۇش ئۆلچىمى، بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىل، مەنئى قىلىنغان ياكى چەك قويۇلغان بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى ۋە تۇتمىچىلىق ئۇسۇلى، ئەڭ كىچىك تور كۆزى ئۆلچىمى شۇنىڭدەك بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغدايدىغان باشقا تەدبىرلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

    31 – ماددا مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى سۈزۈۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. بېقىش ياكى باشقا ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن، مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە ئۇرۇقلارنى ياكى تۇتۇش مەنئى قىلىنغان تۇخۇملۇق تەنچىلەرنى تۇتۇشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، كۆرسىتىلگەن رايون ۋە ۋاقىت ئىچىدە نورما بويىچە تۇتۇش شەرت.

    سۇ ھايۋانلىرى ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرىدىغان نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ باشلاش ۋە سۇ ئىشلىتىشتە، تەدبىر قوللىنىپ ئۇرۇقنى قوغداش كېرەك.

    32 – ماددا بېلىق، راك ۋە قىسقۇچپاقىلارنىڭ ئۆتۈش يولىغا ياسالغان تاقاق، توغانلار بېلىقچىلىق بايلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆتۈش ئەسلىھەسى ياسىشى ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

    33 – ماددا بېلىقچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە تەڭشەش، سۇغىرىش قاتارلىق ئىقتىدارى بولغان سۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئورنىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىشى كېرەك.

    34 – ماددا كۆل قورشاپ ئېتىز بىنا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز دېڭىز ساھىلىنى قورشاپ ئۆزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ؛ مۇھىم ئۇرۇق بازىلىرى ۋە باقمىچىلىق سورۇنلىرىنى قورشاپ ئۆزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

    35 – ماددا سۇ ئاستىدا پارتلىتىش، چارلاش، قۇرۇلۇش قىلىش بېلىقچىلىق بايلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، مەشغۇلات قىلغۇچى ئورۇن ئاۋۋال ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ تەدبىر قوللىنىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى زىياننى ئازايتىشى كېرەك؛ بېلىقچىلىق بايلىقىغا زىيان يەتسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى تۆلەم تۆلەتكۈزىدۇ.

    36 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

    بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بېلىقچىلىق بۇلغىنىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    37 – ماددا دۆلەت ئاق پالاقچىلىق دېلفىن قاتارلىق ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى سۇ ھايۋانلىرىنى نۇقتىلىق قوغداپ، نەسلى قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى سۇ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ. پەن تەتقىقاتى، كۆندۈرۈش– كۆپەيتىش، كۆرگەزمە قىلىش ياكى باشقا ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    38 – ماددا پارتلىتىش، زەھەر تاشلاش، توك قويۇپ بېرىشتەك بېلىقچىلىق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن بېلىق تۇتقان، بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىل توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بېلىق تۇتقان ياكى مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى ۋە تۇتمىچىلىق ئۇسۇلىنى ۋە كۆزى ئەڭ كىچىك ئۆلچەمدىنمۇ كىچىك تورنى ئىشلىتىپ تۇتمىچىلىق قىلغان ياكى تۇتۇلمىلاردىكى بېلىجاننى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ تۇتۇلمىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق جابدۇقى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايوندا ياكى مەزگىلدە قانۇنسىز تۇتۇلغان تۇتۇلمىلارنى ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

    مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق جابدۇقلىرىنى ياسىغان، ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز ياسىغان، ساتقان بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

    39 – ماددا باشقىلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئوغرىلىقچە تۇتقان، بۇلىغان ياكى باقمىچىلىق سۈيى ۋە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    40 – ماددا ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلدا باقمىچىلىق قىلىپ، شۇ سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن تاشلىۋەتكىنىگە بىر يىل توشقانلارنى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى بەرگەن ئورگان بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئېچىپ پايدىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئېچىپ پايدىلانمىغانلىرىنىڭ باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

    قانۇن بويىچە باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ تەۋەسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باقمىچىلىق قىلغانلار تۈزىتىشكە، باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە ياكى باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇشقا بۇيرۇلىدۇ.

    قانۇن بويىچە باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسى ئالماي ياكى باقمىچىلىق گۇۋاھنامىسىدە رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدىن ھالقىپ ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى سۇ تەۋەسىدە باقمىچىلىق قىلىپ، سۇ قاتنىشىغا، كەلكۈن سۈيىنىڭ ئېقىشىغا توسالغۇ بولغانلار باقمچىلىق ئەسلىھەلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    41 – ماددا قانۇن بويىچە تۇتمچىلىق ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتمىچىلىق قىلغانلارنىڭ تۇتۇلمىلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى ۋە تۇتمىچىلىق كېمىسى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.

    42 – ماددا تۇتۇش ئىجازەتنامىسىدىكى مەشغۇلات تىپى، سورۇنى، ۋاقتى ۋە بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى سانى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇتمىچىلىق قىلغانلارنىڭ تۇتۇلمىلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى مۇسادىرە قىلىنسا، تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.

    43 – ماددا تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتكەن، ئېلىپ ساتقان، ئىجارە بەرگەن ياكى باشقا شەكىل بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ئېلىپ سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    44 – ماددا سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت – ئېكسپورت قىلغانلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

    تەكشۈرۈلمىگەن سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى تىجارىتى قىلغانلار تىجارىتىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    45 – ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇق بايلىقى مۇھاپىزەت رايونىدا تۇتمىچىلىق قىلغانلار تۇتۇشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، تۇتۇلمىلىرى ۋە بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    46 – ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل بېلىقچىلىق كېمىلىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سۇ تەۋەسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېلىقچىلىق قىلغان ۋە بېلىقچىلىق بايلىقىنى تەكشۈرگەنلىرى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلىدۇ ياكى قوغلاپ چىقىرىلىدۇ، تۇتۇلمىلىرى ۋە بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ، قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    47 – ماددا بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزغان ياكى بېلىقچىلىق بۇلغىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

    48 – ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتىدۇ. لېكىن، مۇشۇ قانۇندا جازالىغۇچى ئورگان توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    دېڭىزدا قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىل توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى مەنئى قىلىنغان بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى ۋە تۇتمىچىلىق ئۇسۇلى بىلەن تۇتمىچىلىق قىلغان ھەمدە تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ تۇتمىچىلىق قىلغانلارنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق بولسىمۇ، لېكىن نەق مەيداندا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغىلى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغىلى بولمىسا، تۇتمىچىلىق ئىجازەتنامىسى، بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى ياكى بېلىقچىلىق كېمىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىپ، پورتقا قايتقاندىن كېيىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىلسا ۋە ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.

    49 – ماددا بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بېلىقچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھەم ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامە بەرگەن، تۇتۇش نورمىسى تەقسىم قىلغان ياكى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    50 – ماددا بۇ قانۇن 1986 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

© http://zw.sukvd.com  模拟地震网    版权所有