您现在的位置:

非义也 >> 正文 >

ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۈلۈمىنىڭ يېڭى خىزمەت بىناسى رەسمىي ئىشقا كىرشتى ئاقسۇخەۋەرلىرى新闻网

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى  (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز، راھىلە مۇرتىزا ،ئامانگۈل خەۋىرى)  24 -ئىيۇن ،ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ يېڭى خىزمەت بىناسى رەسمىي ئىشقا كىرشتى . ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ،قوراللىق بۆلۈمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جاڭ شىنخۇا يوپۇق ئېچىش مۇراسسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ،ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋلى ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بۇرھان مەمەت ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇراسسىمغا قاتناشتى .

يوپۇق ئېچىش مۇراسسىمىدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋلى مۇنداق دېدى :يېڭى خىزمەت بىناسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى خەلق قوراللىق بۈلۈمىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتىرىپ ،ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ،قوماندانلىقنى تورلاشتۇرۇش ،باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى .بۇ ناھىيەمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئۈچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۋېرسال ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ ،يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن خىزمەت قىلىپ ،يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ ،ئىلمىي تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ ،ياخشى نەتىنجىلىرى بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى لازىم .

 

 

مۇھەررىر: گۈلگىنە مەمەت   

© http://zw.sukvd.com  模拟地震网    版权所有