您现在的位置:

非义也 >> 正文 >

توقسۇ ناھىيەسىدە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس بېكىتى دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا تەسىس قىلىندى ئاقسۇخە

 

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ)  بۇ يىل 10-ئىيۇندىن باشلاپ، توقسۇ ناھىيە پ河南癫痫病医院地址ەيشەنبەبازار يېزا ئارامەھەللە كەنتىدىكى ئەخمەت ھەمرا بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ بازارغا بېرىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بازارغا ھارۋا بىلەن بارىدىغان تارىخقا خاتىمە بەردى. 9 - ئىيۇل ئەخمەت ھەمرا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :«بۇ يىل 10-ئىيۇندىن باشلاپ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس بېكىتى تەسىس قىلىنىپ، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى قاتنىدى، مەن بازار كۈنلىرى بىر يۈەنگە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسغا ئولتۇرۇپ، 15 مىنۇت ئىچىدە بازارغا بېرىپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالىمەن، بىزنىڭ قاتناش شارائىتىمىز بەك ياخشىلىنىپ كەتتى».

شەھەر - يېزا ئاممىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل بۇ ناھىيە شەھەر يېزىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆت ئاممىۋى قاتناش لىنيەسىنى ئېچىپ، قاتناش لىنيەسىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى 65.4 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى لىنيەسىنى تاق لىنيەدىن شەرىقتىن غەرىبكە ۋە جەنۇبتىن شىمالغا تۇتۇشىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋان ئامىمىۋى قاتناش تورى لىنيەسىگە ئۆزگەرتتى. ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى ئىچئېرىق يېزىسى، ئۆگەن يېزىسى، تاشېرىق يېزىسى، توقسۇ بازىرى ۋە پەيشەنبەبازار يېزىسى قاتارلىق بەش يېزا - بازارنى تۇتاشتۇرىدىغان 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىلار بىر يۈەن پۇل خەجلەپلا ناھىيە بازىرىغا بارالايدىغان قولايلىق ئاپتوبۇس قاتناش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. بۇ يىل 8 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېڭىدىن ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدىن 35نى سېتىۋالدى، 6 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەھەر - يېزا ئاپتوبۇس بېكىتىدىن 113نى يېڭىدىن سالدى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ يېزا تاشيوللىرىدا ناھىيە بازىرى بىلەن ھەر قايسى يېزا - بازارلار، ھەر قايسى يېزا - بازارلار بىلەن ھەر قايسى يېزا - بازارلار ئوتتۇرسىدا بىۋاسىتە قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 110 مەمۇرى كەنت يولىغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلۇپ، ناھىيە بويىچە يېزا كەنتلەرنىڭ تاشيول ئومۇمى مۇساپىسى 1402 كىلومېتىرغا يېتىپ، پۇقرالارنىڭ باي بولۇش يولى ۋە كادىرلارنىڭ ئەلرايى يولىغا ئايلاندى.

 

مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز

© http://zw.sukvd.com  模拟地震网    版权所有