您现在的位置:
发布时间:2022-07-12 19:23:51
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز ساتتار خەۋەر قىلىدۇ) قىش كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىدە «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا.
يېقىندا ئۈچقات يېزىسنىڭ گاڭيەر كەنت كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە يېزا بويىچە «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەزمۇنىدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۈچقات يېزىسنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىن كەلگەن كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار سەنئەت ئەترىتىدىكىلەر ۋەتەننى، كومپارتىيەنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، مۇقىملىقنى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى كۈيلەيدىغان، ئىناقسىزلىق، دىننىي ئەسەبىيلىك، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەت، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى قامچىلايدىغان ھەرخىل ئەدەبىي-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ جەزبىدار ماھارەتلىرىمۇ نەق مەيدانىدىكى مىڭدىن ئارتۇق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەمدە بۇنىڭدىن ئەمەلىي تەربىيەگە ئىگە بولدى.
قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيەسى يېزا مەدەنىيەت بازىرىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەبىيە پائالىيەتلىرىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈردى. يېزا-كەنت، مەھەللىلەرنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئامما قىزىقىدىغان ھەرخىل مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت، تەشۋىقات لېكسىيەسىى ۋە كىيىم-كېچەك مودىلى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قاتلاممۇ-قاتلام تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى تەشكىللىگەن لېكسىيە ئۆمىكى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ھەمدە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ھەر بىر كەنتكىچە بېرىپ، كەنت مەدەنىيەت بازىسىدا «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەزمۇن قىلىنغان لېكسىيە سۆزلەش، ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇش، رادىيو-تېلېۋىزىيەدە مەخسۇس «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» سەھىپىسى، پىروگراممىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات-تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى كەنتلەرگە 长沙癫痫医院哪家好nt-kerning: 0pt; mso-ansi-language: ZH-CN" lang="AR-SA">چۈشكەن «ئۈچ ئەل»خىزمەت گوروپپىللىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىرلىكتە كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار تەشۋىقات، سەنئەت ئەترىتى ۋە ئەلنەغمە ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەپتىدە بىر مەيدان ئاممىۋى مەشرەپ، ئويۇن قويۇش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنى دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇش، توغرا ئىدىيە تۇرغۇزۇش ۋە مەدەنىي تۇرمۇش يولىغا مېڭىشقا پائال يىتەكلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر: مەدىنۇر ئەخمەت