您现在的位置:
发布时间:2022-07-12 19:24:01
27-ئىيۇن شەنبە ئەتىگەنلىك خەۋەر
2015-يىللىق 287-سان ئومۇمىي 737–سان
بۇلۇتلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃28 مەيىن شامال
ئامانلىقنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى، تىنچلىقتىن ئورتاق بەھىرلىنىش كۆپچىلىكنىڭ بەخت-سائادىتى؛ كۆپچىلىك ھەممىمىز چارلاشقا ئاتلىنىپ، ئوغرى-قاراقچىلارنى كۆزىمىزدىن يوقىتايلى
قىزىق نۇقتا
كۇچا ناھىيەسى تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنى تەبرىكلىدى
26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى. بۇ كۈنى كۇچا ناھىيەلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى، سوت، تەپتىش، دوختۇرخانا، ئاياللار بىرلەشمىسى، سودا-سانائەت قاتارلىق 15 ئىدارە-ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات خادىملىرى مەخسۇس تەشۋىقات سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىغا تۈرلۈك قانۇن -نىزاملاردىن مەسلىھەت بېرىپ، تەشۋىقات ۋەرىقى تارقىتىپ كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 185 كىشىگە نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش بىلەن بىرگە 12 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋەرىقى تارقىتىلدى.
«ئۈچ ئەل» پائالىيىتى
ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى ۋە كەلپىن ناھىيەلىك يېزا-ئىگىلىك ئىدارىسىدىن كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى باغلىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسى ئائىلىلەرگە كىرىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش داۋامىدا باغلىق كەنتى 10 -گورۇپپىدىكى سەككىز ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 2006- يىلدىن بېرى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن سۇ تۇرۇببىسى ئورنىتىلماي ئىچىملىك سۇ ئىشلىتىشتە قېينىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا 19 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، كۆپ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىشنى باشلاپ قىسقىغىنا 2 كۈن ئىچىدە 500 مېتىر ئارلىققا سۇ تۇرۇببىسى ئورنىتىپ، سەككىز ئائىلىلىك دېھقاننىڭ تۇرۇببا سۈيى ئىچىش قىيىن بولۇش مەسلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غەيرەت جاسارەت، مەھەممەت مامۇت خەۋىرى)
ئاقسۇ خەۋەرلىرى
يېقىندىن بۇيان، باي ناھىيە باي بازىرىدىكى مەھەللە كادىرلىرى دائىرلەر بۇيىچە چارلاش ئېلىپ بېرىش ،مۇقىملىقنى ساقلاش ،قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولىنىياز خەۋىرى)
ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسى، چارۋىچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار يېقىندا 2015-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە «تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى» ئېلىپ باردى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە مۇناسىۋەتلىك خادىملار 3500پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىپ، 1200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى)
ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاۋات ناھىيەسى بۇ يىل دۆلەتنىڭ 18مىليۇن 500مىڭ يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «پىشقەدەم» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى «ياشلاش» تۇردى.
ئاقسۇ خەۋەرلىرى
كۇچا ناھىيەسى دېھقان-چارۋىچىلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجىن-سىياسەتلىرى، دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ق儿童癫痫病医院ىلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ «رادىيو-تېلىۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ئومۇمىيۈزلۈك پايدىلىنىپ، سۈنىي ھەمراھ رادىيو-تېلىۋېزىيە پىرورگىراممىلىرىنىڭ يېزا-كەنت ئائىلىلىرىنى قاپلاش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى)
شىنجاڭ خەۋەرلىرى
25-ئىيۇن، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللي مۇسابىقىسى 602كىلومېتىرلىق ئالاھىدە ئۇزۇن مۇسابىقە بۆلىكىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى دالا راللي مۇسابىقىسىدىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن مۇسابىقە بۆلەك بولۇپ، ھەرخىل يەر شەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللىي مۇسابىقىسىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن، يەر شەكلى ئەڭ مۇرەككەپ، مۇسابىقە بۆلىكى بولۇپ قالدى. ماشىنا گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىنى تاماملاشقا بېرىلگەن ۋاقتىمۇ ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە 10يېرىم سائەتكە يەتتى.(خەلق تورى خەۋىرى)
شىنجاڭ خەۋەرلىرى
24-ئىيۇن، تۆتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتىنى سېتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى، 46 مىڭ تال تۈرلۈك كىرىش بىلىتىمۇ 24-ئىيۇندىن باشلاپ جەمئىيەتكە سېتىلىشقا باشلىدى.
كۈلكە خۇرۇچلىرى
يىلانلار پارىڭى
ئىككى يىلان ئۆمىلەپ ماڭغاچ بىرى يەنە بىرىدىن سوراپتۇ.
ــ بىز زەھەرلىك يىلانمۇيا؟
ــ توغرا ئېيتتىڭ، بىز زەھەرلىك، بىز دېگەن شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان تۇرساق. ئەجەپ بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ؟
ــ باياتتىن تىلىمنى چىشلەپ سالدىم.
ئەسكەرتىش: 10658600غاAWBياكىAwb ياكىawbنى يوللاپ ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىغا مۇشتەرى بولۇڭ. قالدۇرۋەتمەكچى بولسىڭىز 10658600غاQXAWBياكىQxawbياكىqxawbنى يوللاڭ. ئاقسۇ يانفۇن گېزىتىنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئاقسۇ ئاخبارات تورىغا كىرىڭ :
مەسئۇل مۇھەررىر،تەكشۈرگۈچى: مەدىنۇر ئەخمەت
باش تەكشۈرگۈچى: ئامىنە ياخشى