您现在的位置:
发布时间:2022-07-12 19:24:35
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، نەشپۈت، ياڭاق، چىلاننى ئاساس قىلغان باغ – ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، نۆۋەتتە، نەشپۈتلىك باغ كۆلىمى 221 مىڭ 556موغا، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 158 مىڭ 686 موغا يەتتى. بۇ يىل دېھقانلار نەشپۈت كۆچەتلىرىنىڭ تۈرلۈك پەرۋىشلىرىنى ياخشى ئىشلىگ上海治疗癫痫病的医院ەنلىكتىن، نەشپۈتلەر تازا ئوخشىدى، دېھقانلار سېنتەبىر ئېيى كىرگەندىن بۇيان نەشپۈتلەرنى ئۇدۇللۇق ئۈزۈپ 2.2 يۈەندىن 2.7 يۈەنگىچە سېتىپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرماقتا.
ئىگىلىنىشچە، نەشپۈتلىك باغنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتنىڭ 2.3 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 4600 يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 729 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز