您现在的位置:

非义也 >> 正文 >

ئوغۇت ھەققىدە ساۋات دېھقانچىلىق新闻网

 

.1 مىكرو ئورگانىزملىق ئوغۇت دېگەن نېمە؟

مىكرو ئورگانىزملىق ئوغۇت ئالاھىدە مىكرو ئورگانىزملىق باكتېرىيەلەرنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان، تەركىبىدە ئاكتىپ مىكرو ئورگانىزملار بار بولغان ئوغۇتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ زەھەرسىز، زىيانسىز، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، ئالاھىدە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق ياكى ھورمۇن بىلەن تەمىنلەپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  .2 زىرائەتلەر قانداق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىغا ئېھتىياجلىق؟

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلار زۆرۈر ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار دەپ ئاتىلىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، زۆرۈر ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتتىن 16 سى بولۇپ، ئۇلار: كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت، كالىي، فوسفور، كالتسىي، ماگنىي، گۈڭگۈرت، تۆمۈر، مانگان، سىنك، بور، مولىبدېن، مىس، خىلوردىن ئىبارەت.

 .3 قانداق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ‹‹خىمىيەلىك ئوغۇتنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى›› دەپ ئاتىلىدۇ؟

ئۆسۈملۈكلەر ئازوت، فوسفور، كالىيغا كۆپرەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ. لېكىن تۇپراق كۆپىنچە ھاللاردا زىرائەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاچقا، ئوغۇتلاش ئارقىلىق زىرائەتلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ئۈچ ئېلېمېنت ‹‹خىمىيەلىك ئوغۇتنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى›› دەپ ئاتىلىدۇ.

 

 

مۇھەررىر: گۈلگىنە مەمەت

 

© http://zw.sukvd.com  模拟地震网    版权所有