您现在的位置:

非义也 >> 正文 >

قان تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى كۆكتات پالەك تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى新闻网

   پالەكنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى مول بولۇپ، بەدەنگە تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

   پالەكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل، يېمەكلىك تالالىرى بولۇپلا قالماي، يەنە كاروتىن، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، كالتسىي، كالىي، فوسفور، تۆمۈر، خلور، ناترىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

   پالەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، قان تولۇقلاش ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. پالەكنىڭ يەنە باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بولغان ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، يۇقىرى قان بېسىم، قان بۇزۇلۇش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىش ئۈنۈمىمۇ خېلىلا يۇقىرى.

   پالەك كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە ئايرىم قورۇپ يېگىلىمۇ ياكى باشقا كۆكتاتلار بىلەن بىللە قورۇپ سوغۇق سەي تەييارلاپ يېگىلىمۇ بولىدۇ.

 

 

 

 

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت

© http://zw.sukvd.com  模拟地震网    版权所有