您现在的位置:
发布时间:2022-07-12 19:24:58
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ ھەقتە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ بولدى، پىكىرنىڭ بۇيىل بېكىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ) «نۆۋەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، <ئۈچ خىل كۈچ>نىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان رېئاللىققا ئاساسەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشكە ماس كېلىدىغان يەرلىك نىزام تۈزۈش خىزمىتىنى تېزلىتىش كېرەك». 23 - يانۋار ئاپ菏泽癫痫病专科医院哪个比较好تونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى گۈلگىنە نىياز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك كۈچلۈك قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 15 ۋەكىلى يىغىنغا «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررولۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش پىكرى»نى تېزدىن بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى تاپشۇردى، لايىھە يىغىننىڭ تەكلىپ لايىھەسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
«مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش باشتىن - ئاياغ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى باش ۋەزىپە. شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىز چوقۇم مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك». گۈلگىنە نىياز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەمما، ئېلىمىزدە ھازىر بار بولغان قانۇنلار يېڭى ۋەزىيەتتىكى زوراۋانلىق، تېررور遵义治癫痫比较好的专科医院لۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا تولۇق ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى تۈزۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق؛ ھازىر ئېلىمىزدە 2011 - يىلى ماقۇللانغان «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دىن ئىبارەت پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن باشقا، مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئائىت قانۇن يوق.
ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى قوزغاتقان. ئېلىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى 2014 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالغان.
گۈلگىنە نىياز مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بۇ يىل چىقىرىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش پىكرىنى تېزدىن بېكىتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنشىن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللۇقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سىياسىي - قانۇن، خەۋپسىزلىك، سوت، تەپتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ قاتنىشىشىدا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ بولدى، بۇ گۇرۇپپا تېررولۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش پىكرىنىڭ لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش بويىچە تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش ۋە تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
لى جيەنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىلقى پىلانىدا پىكىرنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش پىكرىنى بېكىتىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت - ئېتىبارىغا ئېرىشتى، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە كۆپلىگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىدار تەكلىپ - لايىھەلىرىنى تاپشۇردى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئۆزئارا ماسلاشتى.
مۇھەررىر: گۈلگىنە مەمەت