您现在的位置:

非义也 >> 正文 >

قويغا ‹‹ ئايلانغان ›› ئەر ئىجتىمائىي خەۋەرلەر新闻网

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى  ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك رېكورت ››تورىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەدىكى توماس ئىسىملىك بىر لايىھەلىگۈچى يىگىت ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنىدە شۋېيتسارىيەدىكى ئالىپ تېغىغا يامىشىپ چىقىپ، ئۈچ كۈن ‹‹قوي››نىڭ تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن.

‹‹قوي››غا ئايلىنىش ئۈچۈن، توماس ئالاھىدەن پىسخولوگ ۋە نېۋروگرافىيە ئالىملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، نېرۋىسىنى ۋاقتىنچە ‹‹ئۆچۈرۋېتىپ››، ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇش توغرىسىدا تەلىم ئالغان، بېلىكىگە ئالاھىدە ياسالغان يالغان پۇتنى تاقاپ، قويلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلغان. تولۇق تەييارلىق كۆرگەن توماس بۇ ئۈچ كۈندە قويغا ئوخشاش سۇ ئىچىپ ئوت يەپ، تاغلارغا يامىشىپ، بۇ خىل ‹‹گۈزەل تۇرمۇش›› تىن ھوزۇرلانغان.

 

 

 

 

مۇھەررىر: گۈلگىنە مەمەت

 

© http://zw.sukvd.com  模拟地震网    版权所有