您现在的位置:
发布时间:2022-07-12 19:25:09
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قائىدە-تۈزۈملەر 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇ تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانىغا قارىغاندا، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىزدىكى قىسمەن كىيىم كېچەك، ئاياغ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، قەغەز زاكا قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت تاموژنا باج نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %50 دىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدىكەن.
دورا باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ئېلىمىز كۆپلىگەن دورىلارنىڭ ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ دورا سېتىۋېلىش مېخانىزمىمۇ ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ 20 يىلدىن بۇيان دورا باھاسىنى باشقۇرۇشنى تۇنجى قېتىم دادىللىق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھۆججىتى ۋە تەدبىرى بولۇپ، بازار يېتەكچى قىلىنغان دورا باھاسى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە باسقان ماھىيەتلىك قەدىمى.
ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى ئىشلار ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتنى باشقۇرۇش چارىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا يولغا قويغان جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى مەبلەغنىڭ يېڭى مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە كىرىشىگە ئۇل ھازىرلايدۇ.
دۆلەت قاتلىمىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەردىن باشقا 6-ئايدا يەنە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر تۈركۈم يەرلىك قانۇن بەلگىلىمى昆明看癫痫病比较好的专科医院لەر كۈچكە ئىگە بولۇشقا باشلاپ، شەھەرلەردىكى جاھىل كېسەللەرنى داۋالاشنى ھەل قىلىش تەپەككۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تارىختىكى ئەڭ ئېغىر نىزام دەپ تەرىپلەنگەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش نىزامى 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈزىگەن تاماكا تىزگىنلەش رامكا ئەھدىنامىسىغا ئەڭ ئۇيغۇن بولغان يەرلىك قانۇن نىزام ئىكەن.
شاڭخەي شەھىرى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قانۇنغا خىلاپ بالىخانا سېلىش، ئۆي بېزىگەندە ئېغىرلىق چۈشىدىغان تامنى چېقىۋېتىش، ئۆيىنى ئۆزى خالىغىنىچە بولۇپ ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ھادىسىلەرگە زەربە بېرىدۇ. تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال تۇرمۇش تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ بەش تۈرلۈك قىلمىش ئاممىۋى ئىشەنچ ئۇچۇر سەھنىسىگە كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ئوخشاش بولمىغان ماھىيەتكە ئاساسەن، ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىق تارماقلىرى90 كۈندىن 5 يىلغىچە بولغان ئىناۋەتنى تەكشۈرۈش مۆھلىتى تەسىس قىلىپ، باشتىن ئاخىر ئۆزگەرتمىگەن قىلمىشلارنى ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرىدۇ.
مۇھەررىر: گۈلگىنە مەمەت