您现在的位置:
发布时间:2022-07-12 19:26:05
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پەرھات مىجىت ، چىمەنگۈل قاسىملار خەۋىرى) 6-ماي ، 21 - قېتىملىق مەملىكەتلىك كۆز ئاسراش كۈنى . بۇ يىلقى كۆز ئاسراش كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى « كۆز ئاسراشنى بالىلاردىن باشلايلى » . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،رايونىمىزدا يانفون ،تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر قاتارلىق پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ، ياش - ئۆسمۈرلەردە ئۇزۇن مۇددەت ئېكرانغا قاراش، يانفون ئويناش سالمىقى ئېشىپ ،ئۇلاردا يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى بولماقتا .شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ كۆرۈش ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى .
6-ماي ، ناھىيەلىك 1- بالىلار باغچىسىدىكى كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ،« كۆز ئاسراش » تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى. پائالىيەتتە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئەمالارنى دوراپ رەسىم سىزىش ، دۇمباق چېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ، بالىلاردا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆزنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇلارنى كۆزنى توغرا ئىشلىتىش قىياپىتى ۋە كۆزنى ئىلمىي ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بالىلار ئەستايىدىللىق بىلەن كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى مەشىق قىلدى .
كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى ، روشەن كۆز بولغاندىلا گۈزەل دۇنيادىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ . بالىلىق مەزگىلى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل . شۇنىڭ ئۈچۈن شايار ناھىيەلىك 1- بالىلار باغچىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار كۆز ئاسراش بىلىملىرىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ ، بالىلارنى كۆزنى ئىلمىي ئىشلىتىش ۋە كۆزنى ئاسراشقا ئەسكەرتىپ ، كىچىكىدىن باشلاپ كۆزنى ئاسراش تۇيغۇسى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بەردى .
شايار ناھىيەلىك 1- بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رېن يۈفېڭ مۇنداق دېدى : تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئادەتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ . شۇڭلاشقا بىز ئوقۇ - ئوقۇتۇش داۋامىدا بالىلارغا توغرا كۆز ئىشلىتىش قىياپىتى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ ، بالىلارنى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش داۋامىدا كۆزىنى ئاسراشقا يېتەكلىشىمىز لازىم . 辽宁重点癫痫病专科医院>
ئىگىلىنىشچە ، بۇ يىل يىل بېشىدىن 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۆز بىئاراملىق تۈپەيلىدىن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈتكەنلەر 3000 نەپەرگە يەتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ياش - ئۆسمۈرلەر 500 نەپەردىن ئاشقان . شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى كۆز دوختۇرلىرى شۇنداق تەشەببۇس قىلىدۇكى ـ « ئەگەر بالىلاردا كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش ، يېقىن ئارىلىقتىكى نەرسىلەرنى ياخشى كۆرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئائىلە باشلىقلىرى ۋاقتىدا بالىنى كۆز كېسەللىكى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشى ، ئۇزۇن ۋاقىت كۆز قۇۋۋىتى تۆۋەنلەشنى داۋالىمىغانلىقتىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ قېلىشتىن ھوشيار بولۇشى لازىم .
مۇھەررىر: گۈلگىنە مەمەت