您现在的位置:

非义也 >> 正文 >

تۆھپە ئۆلمەيدۇ سۈرەتلىك خەۋەر新闻网

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز  نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە مەركىزى قۇرۇلغان 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان  يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي  ئورۇنلارنىڭ  زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئىشچى -  خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە 3000 قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تەرجىمە  قىلىپ،  ھەر يىلى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار جەھەتتە   يېڭى رىكۇرىت ياراتتى . بۇ مەركەز تەرجىمە قىلغان «شەمشەر»، «ئائىلە»، «شاخۇكۇدىكى قانلىق جەڭ»، «يوشۇرۇن كۈرەش»، «سەھرادىكى مۇھەببەت ھېكايىسى»، «ئاتامانلىق كالتىكى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسىرى بولۇپ باھالىنىپ، ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. «تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر شىنجاڭ-كۇچا»، «كۈسەن-كۈسەن» ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2013-  2014-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروگراممىلىرىنى باھالاپ بېكىتىشىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «مەڭگۈلۈك ساداقەت»، «سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى»، «ئەڭ ئالىي ۋەزىپە»، «چۈشتىكى تاڭ ئوردىسىغا قايتىش» قاتارلىق تەرجىمە فىلىملىرى  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ  ئۇيغۇرچە قاناللىرىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن كەڭ ئاز سانلىق مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالىقىشى ۋە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى. 2014-يىلى، كۇچا تەرجىمە مەركىزى تەرجىمە قىلغان تەرجىمە فىلىملەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ چىقىشى بىلەن شىنجاڭ تەۋەسىدىكى 14 تەرج癫痫病对身体有什么危害?ىمە مەركەزلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

 

 

 

 

 

 

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت

© http://zw.sukvd.com  模拟地震网    版权所有